ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئوغرىلىغان خىتاي كومپيۇتېر ئىنژېنېرى قولغا ئېلىندى

ئامېرىكا تەپتىش ئىدارىسى 18-يانۋار چارشەنبە كۈنى، نيۇ-يورك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق خىتاي دۆلەت تەۋەلىكىدىكى كومپيۇتېر ئىنژېنېرى جاڭ باۋنى ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ يۇمشاق دېتالىنى ئوغرىلىغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئالدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.01.19

مەلۇم بولۇشىچە، بۇ يىل 32 ياشقا كىرگەن كومپيۇتېر ئىنژېنېرى جاڭ باۋ خىتاي پۇقراسى بولۇپ، ئۇ ئۆزىنىڭ نيۇ-يورك بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بانكىسىنىڭ تەكلىپ قىلىنغان كومپيۇتېر ئىنژېنېرى بولۇشتەك خىزمەت قۇلايلىقىدىن پايدىلىنىپ، نيۇ-يورك بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بانكىسىنىڭ 10 مىليون دوللار قىممىتىدىكى كومپيۇتېر يۇمشاق دېتالىنى ئوغرىلىغان.

جاڭ باۋنىڭ ئادۋوكاتى ئۇنىڭ خىتاي پۇقراسى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تەپتىشنىڭ ئەيىبنامىسى ھەققىدە بايانات بېرىشنى رەت قىلدى. مەلۇم بولۇشىچە جاڭ باۋ بۇ يىل 2-ئاينىڭ 17-كۈنى يەنە سوتقا چىقىدىغان بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقى بېكىتىلسە، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.