قىرغىزىستاندا گېنېرال ئىسساقبەك مۇنونوپ ئالاھىدە ھۆرمەتلەنمەكتە

قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1944 - 1949 - يىلىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ ھەربىي قوماندانلىرىدىن بىرى، مىللىي ئارمىيىنىڭ باش قوماندانى گېنېرال لېيتىنانت ئىسساقبەك مۇنونوپنىڭ 110يىللىقىنى دۆلەت دەرىجىلىك خاتىرىلەشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، يەنە يېقىندا ئىسساقبەك مۇنونوف ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىشلەپ تارقاتقان.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.09.23


قىرغىزىستان ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قىرغىزىستان تارىخچىلىرى مەخسۇس ئىسساقبەك مۇنونوپ ھەققىدە خەلقارالىق مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىش ھەمدە ئۇنىڭ ھەققىدە رۇس تىلىدا كىتاب يېزىپ نەشىر قىلىشنى قارار قىلغان. بۇ كىتاب رۇس مەنبەلىرى ۋە شاھىدلار ھەم تەتقىقاتچىلارنىڭ ماتېرىياللىرى ئاساسىدا يېزىلىدىكەن.

قىرغىزلار ئىسساقبەك مۇنونوپنى قىرغىز خەلقىنىڭ تۇنجى گېنېرالى دەپ خاتىرىلەمەكتە، تاكى ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 50 - يىللىرىدا پۈتۈن دۇنيادىكى قىرغىزلاردىن تېخى گېنېرال چىقمىغان بولۇپ، ئىسساقبەك بىرىنچسىئى ھېسابلىنىدىكەن. ئوش شەھىرىدە ئىسساقبەك مۇنونوپ ئۈچۈن ئېگىز ھەيكەل ئورنىتىلغان. قىرغىزلار مۇنونوپ فامىلىسىنى ئادەتتە مونىيېپ دەپ ئاتايدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.