پوپ بېنېدىكت خىتايدىكى كاتولىك جاسارەتلىك بولۇشقا چاقىردى

پوپ بېنېدىكت خۋى خىتايدىكى كاتولىك ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنى خىتاي كوممۇنىستلىرىنىڭ دىنىي ئېتىقادقا قاراتقان چەكلىمىسىگە قارىشى جاسارەتلىك بولۇشقا چاقىردى.

ۋاتىكان شەھىرىدىكى سان پېتىر قەسرىنىڭ بالكونىدا نۇتۇق سۆزلىگەن پوپ خىتاي قاتارلىق دۆلەتلەردە رېجىم ئاستىدا ياشاۋاتقان بارلىق خرىستىئان ۋە كاتولىك مۇرىتلىرىغا تەسەللى بەردى.

ئۇ نۇتقىدا، خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىدا ياشاۋاتقان كاتولىك ۋە خرىستىئان مۇرىتلىرىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارنىڭ رېجىم ئاستىدا ئۈمىدسىزلەنمەي، خرىستوسقا ساداقەتمەن بولۇشىنى ۋە ئۈمىد چىرىغىنى ئۆچۈرمەسلىكىنى ئۈمىد قىلدى.

خىتايدىكى خرىستىئان ۋە كاتولىك مۇدىرلىرىنىڭمۇ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن بولۇپ، خىتاي ھەر يىلى بۇ جەھەتتە ئەيىبلىنىپ كەلمەكتە.