خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، خىتاينىڭ «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن جۈمە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «5‏-ئىيۇل ۋەقەسى» يۈز بېرىپ ئىككى يىلدىن كېيىنمۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكىنى ۋە چەتئەل بىلەن ئۇچۇر-ئالاقە قىلغان ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق باستۇرۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاينى ئۆزىنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى ۋە يىغىلىش ئەركىنلىكى ھوقۇقىنى قوللانغان ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنى، جۈملىدىن خىتاي تۈرمىسىدىكى مەمەتجان ئابدۇللا، غەيرەت نىياز، دىلشات پەرھات ۋە ئەرشىدىن ئىسرائىل قاتارلىق كىشىلەرنى دەرھال قويۇپ بېرىشكە، ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرىقى ساھەلەردىكى ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت كۆرسىتىشكە چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان تۈرمىدىكى ئۇيغۇر تۇتقۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز پىكرىنى تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلىگەن ياكى دائىرىلەر سەزگۈر، دەپ قارىغان ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان شەخسلەرنى «تېررورچىلىق» بىلەن ئەيىبلەپ، ۋەھىمىلىك كەيپىيات ياراتماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە ئۇچراۋاتقانلىقىغا دائىر ئۇچۇرلارنى تامامەن توسۇشقا ئۇرۇنماقتا» دەپ تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىندا مارالبېشىلىق دېھقان ياش مەخمۇت ئابلىمىتنى چەتئەلدىكى دوستى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقى ئۈچۈن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلەپ تۇتقۇن قىلغان ئىدى.