خىتاي تەشۋىقات دائىرىلىرى لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى قايتىدىن بازارغا سالدى

تەڭرىتاغ تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي كومپارتىيىسى مەركىزى تەشۋىقات بۆلۈمى بۈگۈن «لېي فېڭ روھىنى جارى قىلدۇرۇش» دېگەن تېمىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، لېي فېڭدىن ئۆگىنىشنى قايتىدىن بازارغا سالغان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012.02.27
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

يىغىندا تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لو شۇگاڭ، لېي فېڭ روھىنىڭ بۈگۈنكى دەۋردىكى ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالغان. ئۇ بۇ ھەقتە، كىشىلەرنى سەمىمىي بولۇشقا يېتەكلەش، ئېتىقادسىزلىق ۋە غايىسىزلىكتىن قۇتۇلدۇرۇش، مىللىتىنىڭ ۋە كومپارتىيىنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى ھېس قىلدۇرۇش جەھەتتە لېي فېڭ روھىنىڭ ئىشقا يارايدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

خىتاي ئىچىدىكى بىر قىسىم مۇستەقىل ئۇچۇر-مۇلاھىزىلەردە، لېي فېڭ روھىنىڭ ئاللىقاچان ۋاقتى ئۆتكەنلىكى تەكىتلەنسە، چەتئەلدىكى خىتايچە ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە لېي فېڭ روھى خىتاي كومپارتىيىسىگە شەرتسىز بويسۇنۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان قۇلچىلىق روھىي دەپ تەنقىدلىنىپ كەلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە يېرىم ئەسىردىن بۇيان لېي فېڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش بىلەن بىرلىكتە، «قۇربان تۇلۇم روھىي» نىمۇ تەشۋىق قىلغان، يېقىندىن بۇيان يەنە«ئالىم خالىق روھىي»نى بازارغا سېلىپ، ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھاكىمىيىتىگە شەرتسىز بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.