ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى 50-يىللارنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ يۇقىرى ئېقىنى ھەم مۇنبەت بوستانلىقلارنى «بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش» دېگەن نامدا ئىگىلىۋېلىپ، بۇ جايلاردا بىڭتۇەن نامىدىكى خىتاي كۆچمەنلىرىنى يەرلەشتۈرگەن. بۇ سەۋەبلىك ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بىڭتۇەندىكى خىتاي كۆچمەنلىرى بىلەن يەرلىك ئۇيغۇرلار ئوتتۇرىسىدىكى سۇ تالىشىش جېدەللىرى توختىمىغان ئىدى.
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىرىلەر يەنە تەرەققىيات رايونى قۇرۇش، سۇ ھەققىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ يېرىنى ئىگىلەش ھەرىكىتىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن.
يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان خوتەن دېھقانلىرى، ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ناھىيىنى كېڭەيتىش نامىدا ئۇيغۇر دېھقانلىرىغا تەۋە ياڭاقلىقلارنى ھۆكۈمەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە مەجبۇرلىغانلىقىنى، ئارقىدىن بۇ ياڭاقلىقلارنى خىتاي سودىگەرلىرىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ، خوتەندە چوڭ تىپتىكى ياڭاق سېتىش شىركىتى قۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.