بۈلەنت ئارىنچ: تۈركىيە بۇندىن كېيىن كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسەت ئېلىپ بارىدۇ

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى، باش مىنىستىرنىڭ مۇئاۋىنى بۈلەنت ئارىنچ ئامېرىكا پايتەختى ۋاشىنگتوندىكى زىيارىتىنىڭ بىرىنچى كۈنىدە، يەنى 6-ئاپرېل كۈنى ئامېرىكا-گېرمانىيە مارشال فوندى جەمئىيىتىدە ئۇيۇشتۇرۇلغان يىغىنغا قاتنىشىپ، ھەر ساھە تەتقىقاتچىلىرى ۋە مۇخبىرلار بىلەن سۆھبەتتە بولدى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.04.07

تۈركىيىدىكى سىياسىي ۋەزىيەت ۋە سىياسىي ئىسلاھاتلار تېمىسىدا ئېچىلغان بۇ يىغىندا تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ بۇندىن كېيىن تۈركىيىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇ تۈركىيىنىڭ ئىلگىرى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى بۇ يۆنىلىشكە قارىتىپ كەلگەنلىكى، شۇڭا بۇنىڭدىن كېيىن سىياسىتىنى ئۆزگەرتىپ رۇسىيە، ھىندىستان قاتارلىق رايون خاراكتېرلىك دۆلەتلەر بىلەنمۇ زىچ ھەمكارلىشىپ، كۆپ قۇتۇپلۇق سىياسەت ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

ئۇ بۇنىڭ تۈركىيىنىڭ دۇنيادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ۋە دۇنيا تىنچلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە دۆلەت مىنىستىرى بۈلەنت ئارىنچ يىغىن جەريانىدا مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تۈركىيىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسەتلىرى، مەتبۇئات ئەركىنلىكى قاتارلىق بىر قاتار تېمىلاردا سورالغان سوئاللارغا جاۋاب بەردى.

بۈلەنت ئارىنچ 2009-يىلى، ئۈرۈمچى 5-ئىيۇل ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا تۇتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا ھېسداشلىقىنى بىلدۈرگەن تۈركىيە رەھبەرلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.