كورلىدىكى بىر زاۋۇتتا مەيدانغا كەلگەن پارتلاشتا 12 كىشى يارىلاندى

كورلىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسىنىڭ يېڭىشەھەر كەنتىدىكى بىر زاۋۇتتا چارشەنبە كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 3:50 ئەتراپىدا زور پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. ۋەقەدە 12 كىشى يارىلانغان. ئىگىلىنىشىچە، ۋەقە يېزىدىكى مەلۇم خۇرۇم پاقىرىتىش زاۋۇتىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، ساقچى دائىرىلىرى ۋەقەنىڭ گاز تۇڭى پارتلاش سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ساقچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھويلىدا ئېغىرلىقى 50 كىلوگرام كېلىدىغان سۇيۇقلاندۇرۇلغان گاز قاچىلانغان باكتىن 15 ى بار بولۇپ، بۇ باكلارنىڭ 4 ى پارتلىغان. پارتلاشتىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن ھارارەت تۈپەيلى زاۋۇتتىكى خۇرۇملارنىڭ 90 پرسەنتى كۆيۈپ كەتكەن.

خوڭكوڭدا چىقىدىغان مىڭ باۋ گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، زاۋۇت ئىگىسى ئەينى ۋاقىتتا قاتتىق پارتلاش ئاۋازى چىقىپ، ئەتراپنى بىردىنلا ئوت يالقۇنلىرى قاپلاپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

ۋەقەدە يارىلانغان 12 كىشى ھازىر بايىنغۇلىن ئوبلاستلىق خەلق دوختۇرخانىسىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا ئىكەن.