نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلىغۇچىلار سانى390 مىڭدىن ئاشتى

رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ ئىگىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى 25 - دېكابىر كۈنى خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان 2010 - يىللىق نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلىغۇچىلار سانى 390 مىڭدىن ئاشقان.

2012.12.25
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp


12 - ئاينىڭ بېشىدا جەنۇبىي ئافرىقىلىق كاتولىك دىنىي بىسوپى تۇتۇ قاتارلىق 135 نەپەر نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شىياۋبونى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى ئىنتېرنېتتە باشلانغان ئىدى.

25 - دېكابىر روجىستىۋا بايرىمى كۈنى يەنە، خوڭكوڭدىكى بىر قىسىم ئامما نامايىش قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن تۈرمىدە يېتىۋاتقان ليۇ شىياۋبو ۋە ئۇنىڭ ئايالى ليۇ شىياغا قارىتىلغان رېجىمنى بىكار قىلىپ ئۇلارنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.