مايىڭجۇ بۇ نۆۋەتلىك تەيۋەن پرېزىدېنت سايلىمىدا يەنە ئۇتۇپ چىققانلىقىنى ئېلان قىلدى
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.01.14
2012.01.14
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ نۆۋەتلىك سايلامىدا تاشلانغان 80 پىرسەنت بىلەت سانىلىپ، مايىڭجۇنىڭ دېموكراتىك ئىلگىرىلەش پارتىيىسى كاندىداتى سەييىڭۋېن خانىمنى يېڭىپ چىققانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
ما يىڭجۇ گومىنداڭ پارتىيىسىنىڭ كاندىداتى. ئۇ خىتايغا مايىل سىياسەت يۈرگۈزۈش تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرگەن ۋە شۇ خىل سىياسەت يۈرگۈزۈش يولىدا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن ئىدى.
نۆۋەتتە سانىلىپ بولۇنغان بىلەت سانىغا قارىغاندا، سەي يىڭۋېن خانىم 45 پىرسەنت ئاۋازغا، مايىڭجۇ 50.1 پىرسەنت ئاۋازغا ئېرىشكەن.