بوكسچى مەمەت تۇرسۇن ئىراقلىق رەقىبىنى يېڭىپ، مۇسابىقىدە 4 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىردى

ئۇيغۇر بوكسچى مەمەت تۇرسۇن چوڭ، گۇاڭجۇدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئاسىيا تەنھەرىكەت يىغىنىدا، ئالدىنقى نۆۋەتتە كورىيىلىك رەقىبىنى يېڭىپ، مۇسابىقىدىكى 8 كۈچلۈكلەر قاتارىغا كىرگەنىدى

تۈنۈگۈن ئۇ ئىراقلىق رەقىبى مۇرتەزانى 6گە قارشى 13 نەتىجە بىلەن يېڭىپ، مۇسابىقىدىكى ئالدىنقى 4 كۈچلۈكنىڭ قاتارىغا كىرگەن. خەۋەلەردە بىلدۈرۈلۈشىچە، بىرىنچى مەيدان مۇسابىقىدە رەقىبىنى 4:0 پەرقلىق نەتىجە بىلەن يېڭىپ ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتكەن. 2 ‏-، ۋە 3 ‏-مەيدانلاردا گەرچە رەقىبى نومۇر جەھەتتىكى پەرقنى بىر ئاز كىچىكلەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئاخىرقى نەتىجىدە 6 گە قارشى 13 نەتىجە بىلەن مەمەت تۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىنىڭ غالىپى بولغان. مەمەت تۇرسۇن چوڭ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇسابىقە جەريانىدا ئۆز ماھارىتىنىڭ پەقەت 70-80%نى ئىشقا سالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، كېيىنكى قېتىملىق مۇسابىقىدىمۇ ئۇتۇپ چىقىشىغا بولغان ئىشەنچىسىنى نامايەن قىلغان.

كۆزەتكۈچىلەر، يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاينىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە ئەسكىرىي زەربىلىرىگە دۇچ كەلگەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۇ خىل مۇسابىقىلەردىكى ئۇتۇقلاردىن ئۆزلىرىنىڭ قەلبىگە زور تەسەللىي تاپىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.