'مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى' ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى زالىدا كۆرسىتىلمەكچى

10 - فېۋرال ئامېرىكىدا قويۇلماقچى بولغان " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىم ھاۋارايى سەۋەبىدىن كېچىكتۈرۈلدى. ئەمما فىلىمنىڭ قاچان قويۇلىدىغانلىقى ھازىرچە بېكىتىلمىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.02.09

"مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمدە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ھاياتى - پائالىيىتى ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كۆرۈشى يولىدا چەككەن جەبرى - جاپالىرى تەسۋىرلەنگەن.

ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئېلانغا قارىغاندا، فىلىمنى كۆرسىتىش پائالىيىتىنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى توم لەنتوس كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان. پائالىيەتكە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرىدىن جىم مكگوۋەرن، فرانك ۋولف قاتارلىقلارمۇ ئىشتىراك قىلىدىكەن.

ئۇقتۇرۇشتا كۆرسىتىشىچە، رابىيە قادىر خانىم فىلىمنى قويۇش مۇراسىمىنىڭ ئېچىلىش نۇتىقىنى سۆزلەيدىكەن. فىلىم 10 - فېۋرال چارشەنبە كۈنى كەچ سائەت 5 دە، ئامېرىكىدا دۆلەت مەجلىسى ئىشخانا بىنالىرىدىن بىرى بولغان رايبۇرن سارىيىنىڭ 318 - نومۇرلۇق زالىدا كۆرسىتىلمەكچى ئىدى. ئەمما فىلىمنىڭ قاچان قويۇلىدىغانلىقى ھازىرچە بېكىتىلمىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.