ئۇيغۇر ئېلىدە بۇلتۇر 177 شىركەت مۇھىتنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىغان
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.01.08
2013.01.08
2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ئېچىپ، رايوننىڭ بايلىقىنى خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىكى شىركەتلەرگە ئېچىش ئۈچۈن بۆلۈپ بەرگەندىن كېيىن، تۈركۈم-تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرى ئۇيغۇر رايونىغا يەرلەشكەن ھەمدە كان بايلىقلىرىنى قالايمىقان قېزىش، ئوتلاق، ئورمانلارنى ئىگىلەش ئەۋج ئالغان ئىدى.
رايوندىكى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلەشكەن شىركەتلىرى تەرىپىدىن قالايمىقان ئېچىلىشى ھەم يەرلىكلەرنىڭ تېرىلغۇ يەر، يايلاق، ئۆي زېمىنلىرى مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىنىپ زىيادە كۆپ قۇرۇلغان زاۋۇت-كارخانىلار سەۋەبىدىن رايوننىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشى رايوندىكى ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلقلەرنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان ئىدى.