د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم گۇما ۋەقەسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ب د ت نى ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە چاقىردى

28-دېكابىر گۇما مۇكۇيلا ۋەقەسى مۇناسىۋىتى بىلەن بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلىتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ب د ت نى بۇ ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011.12.29

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تۈنۈگۈن تارقاتقان خەۋەرلىرىدە خوتەننىڭ گۇما ناھىيىسىدە «بىر تېررورلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ 7 ئادىمى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى، 4 نەپىرى يارىدار قىلىندى» دەپ ئېلان قىلىنغان ئىدى. ئەمما بۈگۈن رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن گۇما ناھىيىسىدە ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن بۇ 7 كىشىنىڭ چېگرىدىن قاچماقچى بولغان ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى.

ۋەقە 28-دېكابىر كېچىسى گۇما ناھىيىسىدىكى مۇكۇيلا يېزىسى تەۋەسىدە يۈزبەرگەن. ساقچىلار ئۇلارنى توسۇۋالماقچى بولغاندا ئىككى تەرەپ ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەرگەن. توقۇنۇشتا، گۇما ناھىيىلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئادىل ئابدۇۋەلى ئۆلگەن.

ۋەقە ھەققىدىكى خەۋەرلەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خەلقئارالىق مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىپ، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى، رويتېرس، لوس-ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى، س ن ن، تېلېگراف گېزىتى قاتارلىق بىر يۈرۈش مەشھۇر خەلقئارالىق ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئېلان قىلىندى.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم رادىئومىزدا بايانات ئېلان قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا چاقىردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.