مۇقىملىق تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتلەر ئۈچۈن 42 مىڭ كادىر ئىشقا سېلىندى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كوممۇنىستىك پارتىيە كومىتېتى مۇقىملىق تەشۋىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىزمەتلەر ئۈچۈن 42 مىڭ كادىرنى ئىشقا سالماقتا. بۇ خىزمەت بۇ يىل 2 - ئايدىن تارتىپ باشلىنىپ، 11 - ئايغىچە داۋاملىشىدىكەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.03.25

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ شىنجاڭ گېزىتىدىن كۆچۈرۈپ تارقاتقان بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرىدا بايان قىلىنىشىچە،ھازىرغىچە 42 مىڭ 283 نەپەر ساپاسى ياخشى، قوش تىللىق كادىر 9412 خىزمەت گۇرۇپپىسىغا بۆلۈنۈپ، پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىسى بويىچە، شەھەر، ناھىيە، يېزا، مەھەللە ۋە مەكتەپلەرگە بېرىپ، ئومۇميۈزلۈك تەشۋىقات ۋە تەربىيىلەش خىزمىتىنى باشلىغان.

ئۇلارنىڭ خىزمەتلىرىنىڭ ئاساسلىق نىشانى مۇقىملىققا قارىتىلغان بولۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش بىرىنچى ۋەزىپە قىلىپ بېكىتىلگەن. خىزمەت گۇرۇپپىلىرى بەزى جايلاردا ئۆيمۇ - ئۆي كىرىپ، نوپۇس ئەھۋالىنى ئېنىقلىغان بولۇپ، ئىجارىگە بېرىلگەن ئۆيلەردە تۇرىۋاتقانلار تەكشۈرۈلگەن.

بۇ، 2009 - يىلىدىكى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات پائالىيىتى ھېسابلىنىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.