بۇ يىل خىتايدىن 13 مىڭ مۇسۇلمان ھەجگە بارىدۇ

خىتايدىن بۇ يىل ئۇيغۇر ۋە تۇڭگانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 13 مىڭ 800 مۇسۇلماننىڭ ھەج قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، تۇنجى تۈركۈمدىكى ھەجىچىلەر 25‏-سېنتەبىردىن باشلاپ يولغا چىققان.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2012.10.05
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ گەنسۇ دىنىي ئىشلار دائىرىلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ بەرگەن بىر خەۋىرىدە، بۇ يىل گەنسۇ ئۆلكىسىدىن 2721 نەپەر مۇسۇلماننىڭ ھەجگە بارىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مەيلى خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بولسۇن ياكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەتبۇئاتلىرىدا بولسۇن، بۇ يىل ھەج قىلىدىغان 14 مىڭغا يېقىن مۇسۇلماندىن زادى قانچە كىشىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى تىلغا ئېلىنمىغان.

خىتاينىڭ ھەج سىياسىتى ئىزچىل كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچراپ كەلدى.

ئۇلارنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئۇيغۇرلارغا ھەر خىل ھەج چەكلىمىسى قويۇپ، تارقاق ھەج قىلىشنى مەنئى قىلغان. ھۆكۈمەت ئۇيۇشتۇرغان تەشكىللىك ھەج پائالىيەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا سان چەكلىمىسى قويۇلۇپ، ھاجىلارنىڭ ھەج پائالىيىتىنى قاتتىق كونترول قىلغان.

سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مۇھاجىرلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ھەجىچىلەرگە خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك نازارىتىنىڭ خادىملىرى ھەمراھ بولۇپ كېلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشىنى نازارەت قىلىش، پاسپورتىنى يىغىۋېلىش، ئۇلارنىڭ باشقا ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇچرىشىشنى چەكلەش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى نازارەت قىلىشقا مەسئۇل بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.