نورۋېگىيىدىكى 77 كىشىنىڭ قاتىلى ئاندرېس بىرىۋىككە 21 يىللىق قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلىندى

2011-يىلى 21-ئىيۇل كۈنى نورۋېگىيىدە 77 كىشىنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان ئاندرېس بېھرىڭ بىرىۋىك ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلەش بىلەن ئەيىبلىنىپ، بۈگۈن 24-ئاۋغۇست كۈنى 21 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.08.24

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاندرېس بىرىك ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىشقا قاتناشقان 5 نەپەر سوتچى مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئاندېرس بىرىكنىڭ، قاتىللىق قىلغان چېغىدا ئەقلى-ھۇشىنىڭ سەگەك ئىكەنلىكىنى، ھەمدە 77 كىشىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىپ، نارازىلىق ئەرزى بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكىنى دېگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، نورۋېگىيە قانۇنىدا ئۆلۈم جازاسى ھەم مۇددەتسىز قاماق جازاسى يوق بولۇپ، ئاندرېسقا بېرىلگەن 21 يىللىق قاماق جازاسى نورۋېگىيە قانۇنىدىكى ئەڭ ئېغىر جازا ھېسابلىنىدىكەن. سوتچىلار ئاندېرىسنى جازا مۇددىتىنى ئۆتەش جەريانىدا يالغۇز كامېردا يېتىشقا ھۆكۈم قىلغان. سوت دائىرىلىرى يەنە ئەگەر ئاندېرسنىڭ جازا مۇددىتى مەزگىلىدە داۋاملىق ھالدا جەمئىيەتكە زىيانكەشلىك قىلىش مۇدداسى بايقالسا،ئۇنىڭ جازا مۇددىتىنىڭ قەرەلسىز ئۇزارتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.