ئوباما ئۆز پىلانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شەنبە كۈنىدىكى نۇقتىدا دۆلەت مەجلىسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، بايلاردىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش ھەققىدىكى قانۇننى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2013.01.06


ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئۆتكەن ھەپتىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئامېرىكىدىكى بايلار تەبىقىسىدىن ئېلىنىدىغان باجنىڭ پرسەنتىنى كۆپەيتىش ھەققىدە كېلىشىم ھاسىل قىلىنغانلىقىنى، نەتىجىدە ئوتتۇرا تەبىقە تۆلەيدىغان باجنىڭ كۆپىيىپ كېتىشىدىن ساقلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىدىن ساقلىنىش ئىمكانىيىتى يارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما نۇقتىدا يەنە تېخىمۇ كۆپ ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىنى قولغا كەلتۈرىدىغانلىقى، يەنە كۆپلىگەن خىزمەتلەرنى قىلىش لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

بايلار تەبىقىسىدىن ئېلىنىدىغان باجنى كۆپەيتىش ئوبامانىڭ ئاساسلىق تەشەببۇسلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.