ئوباما ئامېرىكىنىڭ ئافغانىستاندا غەلىبە قىلمىغانلىقىنى بىلدۈردى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.03.08
2009.03.08
ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىراقتىكى ۋەزىيەت بىلەن پەرقلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، بۇ يەردىكى قەبىلىلەرنىڭ ھەرخىللىقى ۋە ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەقسەتلەر ئۈچۈن ئىش ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى، ئافغانىستاندىكى ۋەزىيەتنىڭ ئىراقتىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ مۇرەككەپ ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن. ئافغانىستان ۋەزىيىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى تۈپەيلىدىن ئوباما ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا ئافغانىستانغا يەنە 17 مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.
ئوباما سۆزىدە يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئافغانىستان مەسىلىسىگە ئائىت يېڭى سىياسەت يۈرگۈزۈشى مۇمكىنلىكىدىن سىگنال بەرگەن بولۇپ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئافغانىستان پرېزىدېنتى خامىد كارزاي ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ تالىبانلارنىڭ مۆتىدىللىرى بىلەن سوھبەتلىشىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭمۇ بۇنداق سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
شەنبە كۈنى ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ھېللارىي كلىنتون تۈركىيىنى زىيارەت قىلىپ، تۈركىيە باش مىنىستىرى ئەردوغان ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باباجان بىلەن كۆرۈشكەن، ئۇ سۆزىدە تۈركىيىنىڭ ئامېرىكا ئۈچۈن مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى شۇنىڭدەك كېلەر ئايدا پرېزىدېنت ئوبامانىڭ تۈركىيىنى زىيارەت قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ھېللارىي كلىنتوننىڭ تۈركىيە زىيارىتى تۈرلۈك ئىنكاسلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتىدە تۈركىيىنىڭ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى نامايەن قىلدى.