ئوباما خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى سېتىۋېلىش توختامىنى بىكار قىلدى

28 - سېنتەبىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى ئۆتكۈزۈۋېلىشىغا قارشى چىقىپ، سېتىۋېلىش توختامىنى بىكار قىلغان.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.09.29


مەلۇم بولۇشىچە، ئورىگون شتاتىغا جايلاشقان بۇ تۆت چوڭ شامال ئېنېرگىيە مەيدانى ئامېرىكىنىڭ بوئاردماندىكى دېڭىز ئارمىيە قورال سىستېمىسىنى سىناق قىلىش بازىسىغا يېقىن جايلاشقان ئىكەن.

مەزكۇر بازىدا ئامېرىكىنىڭ يۇقىرى تېخنىكىلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانلىرى سىناق قىلىنىدىغان بولۇپ، دائىرىلەر بىر خىتاي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىسىغا يېقىن جايغا ئورۇنلىشىشىنى ياقتۇرمىغان.

خىتاينىڭ «راللس» گۇرۇھى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئورىگون شتاتى بوئاردمان رايونىغا جايلاشقان يۇقىرىقى شامال ئېنېرگىيە مەيدانىنى سېتىۋالغان ئىدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا چەتئەل مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇش كومىتېتى دۆلەتلىك ئىستىخبارات ئىشخانىسى مۇدىرىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن مەزكۇر توختام ئامېرىكىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكىگە تۇغدۇرىدىغان خەۋپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مەسىلىنى ئوبامانىڭ ئالدىغا قويغان ئىكەن.

نەتىجىدە ئوباما خىتاي شىركىتى بىلەن ئامېرىكا شىركىتى ئوتتۇرىسىدىكى توختامغا ئارىلىشىپ خىتاينى مەزكۇر سودىدىن ۋاز كېچىشكە مەجبۇر قىلغان.

بۇ ئۆتكەن 22 يىلدىن بۇيان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى سودا توختامىنى توسۇپ قويۇشى بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.