خىتاي ئوبامانى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشمەسلىككە چاقىردى

تىبەت روھانىي داھىيسى دالاي لاما پات يېقىندا ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىدۇ. دالاي لامانىڭ ئامېرىكا زىيارىتىدە پرېزىدېنت ئوباما بىلەن كۆرۈشۈش - كۆرۈشمەسلىك مەسىلىسى مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىڭ قىزىقتۇرىدىغان نازۇك مەسىلە بولۇپ قالماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، دالاي لامانىڭ ئامېرىكا زىيارىتى مەزگىلىدە پرېزىدېنت ئوبامانىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى باياناتچىسى جياڭ يۈي پەيشەنبە كۈنى ئامېرىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، " دالاي لامانىڭ زىيارىتى مەسىلىسىدە بىزنىڭ مەيدانىمىز ناھايىتى ئېنىق ۋە ئىزچىلدۇر. بىز دالاي لامانىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتنى زىيارەت قىلىپ، بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىدە بولۇشىغا قارشى تۇرىمىز،" دېگەن.

جياڭ يۈينىڭ ئەسكەرتىشىچە، خىتاي تەرەپ ئامېرىكا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىغا بۇ جەھەتتىكى پىكىرىنى يەتكۈزگەن. لېكىن جياڭ يۈي، ئەگەر ئوباما دالاي لامانى قوبۇل قىلسا خىتاينىڭ بۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىغان. خىتاي ئىلگىرى فرانسىيە پرېزىدېنتى ساركوزى دالاي لاما بىلەن كۆرۈشكەنلىك سەۋەبى ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان باشلىقلار يىغىنىنى بىكار قىلغان ئىدى.

دالاي لامانىڭ ئاق ساراينى زىيارەت قىلىشى تىبەت، ئۇيغۇر ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇقى دەپسەندە قىلىنىۋاتقان خەلقلەرگە ئىلھام بېرىپ، خىتايغا كۈچلۈك بىشارەت بېرىش رولىنى ئوينايدۇ، دەپ قارالماقتا.

ئامېرىكىنىڭ سابىق پرېزىدېنتلىرىدىن كلىنتون ۋە جورج بۇشلار دالاي لامانى ئاق سارايدا كۈتۈۋالغان ئىدى. بۇ قېتىم ئوبامانىڭ دالاي لامانى كۈتۈۋېلىش - كۈتۈۋالماسلىقى ئۇنىڭ ئۈچۈن بىر سىناق بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.