خىتاي ھۆكۈمىتى 12 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى قاتارلىق جازالارنى بەردى

خىتاي ھۆكۈمىتى يەنە نۇرمۇھەممەت ئوبۇل قاسىم قاتارلىق 7 ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى ۋە ئەمەت نۇر قاتارلىق 3 ئۇيغۇرغا ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىنىدىغان ئۆلۈم جازاسى بەرگەن بولۇپ، بۇنى خىتاي ئالىي سوتى تەستىقلىغان.

بۇ ئۆلۈم جازالىرى ئوتتۇرا شەرقتە ھۆكۈمەتكە قارشى نارازىلىق نامايىشلىرى ئەۋجىگە چىققان مەزگىلگە توغرا كەلدى.

«تەڭرىتاغ» تورىدا خەۋەر قىلىشىچە، نۇرمۇھەممەت ئوبۇل قاسىم، ئىمىن داۋۇت، ئەمەت توختى، جۈمە ئابدۇرېشىت قاتارلىق 12 ئۇيغۇر 2010-يىلى مارالبېشى ۋە يېڭىشەھەر قاتارلىق ناھىيىلەردە يۈز بەرگەن خىتايلارنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىلىپ جازاغا تارتىلغان.

2010-يىلى 7-ئاۋغۇست مارالبېشى بازىرىدا بىر خىتاي ئامانلىق ساقلىغۇچى، 12-ئۆكتەبىر يېڭىشەھەر ناھىيىسى يېڭىئېرىق يېزىسىدا بىر جۈپ خىتاي ئەر-خوتۇن ۋە 11-نويابىر ئارال يېزىسىدا ئىككى خىتاي ئۆلتۈرۈلگەن ئىدى.

خەۋەردە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر ۋەقەلەرگە چېتىپ جەمئىي 12 ئۇيغۇرنى جازاغا تارتقان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئەمەت قۇربانغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى، ئابدۇللا ئېلىغان 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن.