ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچىلەر ۋە شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ قاتناشچىلىرىدىن بۈگۈنكى كۈندە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى تور بېكەتلىرىدە ماقالە ئېلان قىلىپ ئەينى چاغدىكى ئوقۇغۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتىنى خاتىرىلىدى.
ئامېرىكا ئۇيغۇر ئۇيۇشمىسىنىڭ تور بېكىتىدە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدە يازغان ئەسلىمىسى ئېلان قىلىندى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمۇھەممەد مۇساباي ئەپەندى بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 1985-يىلدىكى ئوقۇچىلار دېموكراتىك ھەرىكىتى ھەققىدە توختالدى. نۇرمۇھەمەد مۇساباي ئەپەندى ئەينى چاغدا ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئوتتۇرىغا قويغان 6 تەلەپنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، شۇ قېتىم ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان ھەققانىي تەلەپلەرنىڭ1991-يىلدىكى بارىن ئىنقىلابى، 1998-يىلدىكى ئىلى ياشلىرى قوزغىغان 5-فېۋرال ۋەقەسى قاتارلىقلاردا قايتا ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، چەتئەللەردە ئۇيغۇر دەۋاسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى سېپىدە ئاشۇ قېتىملىق ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى قاتناشچىلىرىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆزىنىڭ ئاۋانگارتلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى ب تەكىتلىدى.
1985-يىلدىكى 12-دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ تەلەپلىرىنى يىغىنچاقلىغاندا 6 تۈرلۈك بولۇپ، ئۇلار 1. شىنجاڭدا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرەيلى، دېموكراتىك ئاساستا سايلام ئېلىپ بارايلى! 2. شىنجاڭنىڭ مىللىي مائارىپىنى يۈكسەلدۈرەيلى! 3. شىنجاڭدا (لوپنۇردا) ئاتوم بومبىسى سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى توختىتايلى! 4. شىنجاڭغا كۆچمەن يۆتكەشنى توختىتايلى! 5. شىنجاڭدىكى يەرلىك مىللەتلەرگە قارىتا يۈرگۈزىلىۋاتقا پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتىنى ئەمەلدىن قالدۇرايلى! 6. شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغدايلى! دېگەن شوئارلاردىن ئىبارەت.
بۇ شوئارلار ئەينى چاغدا خەلق مەيدانىغا يىغىلغان نەچچە مىڭلىغان ستۇدېنتلار ۋە ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تەرىپىدىن كوچا ئايلىنىپ نامايىش قىلىش جەريانىدا توۋلانغان ھەم شۇ قېتىمقى ئوقۇغۇچىلار نامايىشىنى تەشكىللىگۈچى ۋارىس قاتارلىق ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتىن ھەيدىلىپ، نامايىشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارخىپىغا گۇناھ يېزىلىپ ئۇلار ھەر خىل شەكىللەردە جازالانغان ئىدى.