ئوش ۋە بېشكەكتە قىرغىزلار نامايىش قىلىپ، جەنۇبىي قىرغىزىستاندا خەلقئارا ساقچى قىسىم ئورۇنلاشتۇرۇشقا قارشى چىقتى

چارشەنبە كۈنى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك ۋە ئوش شەھەرلىرىدە بىر قىسىم قىرغىزلار نامايىش قىلىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساقچى قىسىملىرىنى جەنۇبىي قىرغىزىستانغا كىرگۈزۈپ، تەرتىپ ساقلاش پىلانىغا قارشى چىقتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2010-08-11
Share

چارشەنبە كۈنى تەخمىنەن 300 كىشىلىك نامايىشچى قىرغىز ئوش شەھىرىدە توپلىنىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك‏ - ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئوش شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇ كۈنى بېشكەك شەھرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان تەخمىنەن 30 كىشىلىك نامايىش يۈز بېرىپ، خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.

بىشكەكتىكى نامايىشنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "قىرغىز خەلقى كوسوۋا ھادىسىسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.

لېكىن، قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ئىچىدە خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئەزاسى ئازىمبېك بېكنەزەروف بۇ پىلانغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا بۇ پىلاننى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 10 ‏ - ئۆكتەبىردە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 52 كىشىلىك خەلقئارا ساقچى ئەترىتى بۇ ئاي ئىچىدە ئوش قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىپ، سايلام جەريانىدىكى تەرتىپنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت