چارشەنبە كۈنى تەخمىنەن 300 كىشىلىك نامايىشچى قىرغىز ئوش شەھىرىدە توپلىنىپ، ياۋروپا بىخەتەرلىك - ھەمكارلىق تەشكىلاتى ساقچى قىسىملىرىنىڭ ئوش شەھىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن. شۇ كۈنى بېشكەك شەھرىدىمۇ ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلغان تەخمىنەن 30 كىشىلىك نامايىش يۈز بېرىپ، خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرگەن.
بىشكەكتىكى نامايىشنىڭ بىر ئوقۇغۇچىلار ۋەكىلى خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا قارشى تۇرۇش سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ، "قىرغىز خەلقى كوسوۋا ھادىسىسىنىڭ تەكرارلىنىشىدىن ئەنسىرەيدىغانلىقى" نى بىلدۈرگەن.
لېكىن، قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ئىچىدە خەلقئارا ساقچى قىسىمى ئورۇنلاشتۇرۇش پىلانىغا نىسبەتەن ئوخشىمىغان پىكىرلەر مەۋجۇت. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت ئەزاسى ئازىمبېك بېكنەزەروف بۇ پىلانغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت پرېزىدېنتى روزا ئوتۇنبايېۋا بۇ پىلاننى قوللىغۇچىلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ 10 - ئۆكتەبىردە پارلامېنت سايلىمى ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 52 كىشىلىك خەلقئارا ساقچى ئەترىتى بۇ ئاي ئىچىدە ئوش قاتارلىق جايلارغا ئورۇنلىشىپ، سايلام جەريانىدىكى تەرتىپنى ساقلاشقا ھەمكارلىشىدىكەن.