ب د ت ئۆسمۈرلەر ھەققىدە يېڭى قارار ماقۇللىدى

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ب د ت دىن بايان قىلىشىچە، ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشى 7-ئاينىڭ 12-كۈنى، قوراللىق توقۇنۇشتىكى جايلاردا ئۆسمۈرلەر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش ھەققىدە يېڭى قارار ماقۇللىدى.

بۇ قاراردا، مەكتەپلەرگە ۋە دوختۇرخانىلارغا ھۇجۇم قىلىش، ئۆسمۈرلەرنى قوراللىق توقۇنۇش ئىچىدە قالدۇرۇش، ئۆسمۈرلەرنى ئەسكەرلىككە ئېلىش قاتارلىق قانۇنسىز ھەرىكەتلەرنى تۈگىتىش، بۇ قارارنى ئىجرا قىلمىغان دۆلەتلەرنى پاش قىلىش-تىزىملىككە ئېلىش ۋە ئۇلارغا جازا قوللىنىش بەلگىلەنگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ب د ت باش كاتىپى بانكىمۇن ئۆسمۈرلەرنى قوراللىق توقۇنۇش ئىچىدە قالدۇرغان كولۇمبىيا ئازادلىق ئارمىيىسى دېگەن قوراللىق قىسىمنىڭ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش مەسىلە سادىر قىلغان ئافرىقا دۆلەتلىرىنىڭ، ئەلقائىدىچى تەشكىلاتلارنىڭ نامىنى ئاشكارىلىغان. شۇنداقلا، قوراللىق توقۇنۇش ئىچىدە قالغان ئۆسمۈرلەرنى جەمئىيەتكە قايتىپ نورمال ياشاش ۋە مائارىپ تەربىيىسىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يېتەرلىك مەبلەغ ئاجرىتىش لازىم دەپ كۆرسەتكەن.