پاكىستاندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇرلار نورۇز بايرىمىنى تەبرىكلىدى
2011.03.22
تەبرىكلەش پائالىيىتىنى راۋالپىندىدا پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپى تەشكىللىدى. پائالىيەت داۋامىدا نورۇزغا ئالاقىدار تەبرىك سۆزىدىن كېيىن، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىنقى پائالىيەتلىرى تونۇشتۇرۇلدى. پائالىيەت ناخشا -ئۇسۇل قاتارلىق كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن ئاخىرلاشتى.
پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلار يېقىنقى يىللاردىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى سەزگۈرلۈك بىلەن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان مۇھاجىر جامائەتتۇر. پاكىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى پائالىيەتلىرىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلىپ ۋە ئەندىشىگە سېلىپ كەلمەكتە.
مەلۇم بولۇشىچە، پاكىستاندىكى ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاكتىپلىرى يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە پاكىستان ساقچىلىرى تەرىپىدىن بىرقانچە قېتىم تەكشۈرۈش ۋە سۈرۈشتە قىلىش ئوبيېكتى بولغان. بۇ جەرياندا ئۇلار خىتاي بىلەن پاكىستاننىڭ مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدىغان بىر ۋەقە چىقىرىپ قويماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.
بۈگۈنكى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن ئۆمەر ئۇيغۇر ۋەخپىنىڭ مەسئۇلى ئۆمەر خان؛ ئۆزلىرىنىڭ پاكىستاننىڭ قانۇن-تۈزۈملىرىگە خىلاپ ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانمايدىغانلىقىنى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چاقىرىق ياكى تەھدىتلىرىگە پەرۋا قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۈگۈنكى نورۇز پائالىيىتىنى ئۆزلىرىنىڭ مانا مۇشۇ مەيدانىنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى.