پەلەستىن رەھبىرى ئابباس ب د ت غا رەسمىي ئەزالىق ئىلتىماسى سۇندى

پەلەستىن رەھبىرى ماخمۇد ئابباس جۈمە كۈنى ب د ت ئومۇمى يىغىنىدا نۇتۇق سۆزلەپ، پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقىغا رەسمىي ئىلتىماس سۇنغانلىقىنى ئېلان قىلدى ۋە ئەزالىق ئىلتىماسىنى ب د ت باش كاتىپى بان كىمۇنغا تاپشۇردى.

ئۇ يىغىندا سۆزلىگەن نۇتقىدا ئەسكەرتىپ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن پەلەستىننىڭ دۆلەتلىك ئورنىنى 1996‏-يىلدىكى چېگرانى ئاساس قىلىپ، ئېتىراپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ پەلەستىننىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن سەمىمىي نىيەتتە سۆھبەتكە ئولتۇرغانلىقىنى، ئىسرائىلىيىنىڭ غەربىي قىرغاقتىكى پەلەستىن زېمىنلىرىدا قۇرغان يەھۇدىي كۈچمەن نۇقتىلىرى سەۋەبلىك مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

بىراق، ئىسرائىلىيە باش مىنىستىرى نىتەنياخۇ ئابباستىن كېيىن سۆزگە چىقىپ، پەلەستىن -ئىسرائىلىيە مەسىلىسى يەھۇدىي كۆچمەنلەر مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، بەلكى ئىسرائىلىيىنىڭ مەۋجۈتلۇقىنى ئېتىراپ قىلىش-قىلماسلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئامېرىكا بىلەن ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ ب د ت ئەزالىقى پەقەت ئىسرائىلىيە-پەلەستىن تىنچلىق كېلىشىمى ئىمزالانغاندىن كېيىنلا مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ماخمۇد ئابباستىن ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما پەلەستىن ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋالمىسا، رەت قىلىش ھوقۇقىنى قوللىنىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى. بىراق ماخمۇد ئابباس ئىلتىماسىنى قايتۇرۇۋېلىشنى رەت قىلغان.

ئۇ جۈمە كۈنى ب د ت يىغىنىدا ئەسكەرتىپ، «مەن باش كاتىپ بان كىمۇننىڭ ئىلتىماسىمىزنى تېز ئارىدا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە يەتكۈزۈشىگە ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەرنى بىلەت تاشلاپ، تولۇق ئەزالىقىمىزنى قوبۇل قىلىشقا چاقىرىمەن» دەپ كۆرسەتتى.