ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ياراشتۇرۇشى بىلەن سۆھبەت ئەسلىگە كەلگەن بولۇپ، پەلەستىن مىللىي ھاكىمىيىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ قېتىمقى سۆھبەتنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننىڭ چېگرىسىنى بېكىتىشكە قارىتىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا مۇئاۋىن پرېزىدېنتى جىئو بايدىن دۈشەنبە كۈنى ئوتتۇرا شەرق رايونىغا بېرىپ، پەلەستىن ۋە ئىسرائىلىيە رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.