يەنبيەن ئوبلاستى چاۋشيەن مىللىتى ئىككىنچى پەرزەنتكە ئايدا 1000 سوم ياردەم پۇلى بېرىشنى قارار قىلدى

جىلىن ئۆلكىسىنىڭ يەنبيەن چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا بىر قارار ماقۇللاپ ، چاۋشيەن مىللىتىدىن بولغان ئائىلىلەرنىڭ ئىككىنچى پەرزەنتىگە ئايلىقىغا 1000 يۈەندىن تۇرمۇش ياردەم پۇلى بېرىشنى بېكىتكەن.

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، مەزكۇر ياردەم پۇلى بالا 4 ياشقا كىرگەنگە قەدەر بېرىلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە، ئىككىنچى پەرزەنت 18 ياشقا كىرگەنگە قەدەر سالامەتلىك ئىستراخۋانىيىسىدىن بەھرىمەن بولىدىكەن. مەلۇم بولۇشىچە، چاۋشيەن مىللىتىگە بېرىلگەن بۇ ئېتىبار سىياسىتى، خىتايدىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان پۇقرالارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. خىتاي تور ئەزالىرى مەزكۇر سىياسەتنى ھەددىدىن زىيادە ئەتىۋارلاش دەپ تەنقىد قىلغان؛ بەزىلىرى بۇ جەرياندا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قارىتا ئىرقچى تىل -ھاقارەتلەرنى قوللانغان.

ئەسلىدە چاۋشيەنلەرنىڭ 4-قېتىملىق نوپۇس تەكشۈرۈشتىكى ئومۇمى سانى 1مىليون 920 مىڭ بولۇپ، بۇ سان 5-قېتىملىق تەكشۈرۈشتە بىر مىليون 830 مىڭغا چۈشۈپ قالغان. مەزكۇر ئېتىبار بېرىش سىياسىتى مانا بۇ ۋەزىيەتنى ئوڭلاش ئۈچۈن بېكىتىلگەن.

مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى، بۈگۈن ئۇيغۇربىز توربېتىدە بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، ئۇيغۇرلار نوپۇسىنىڭ تەبىئىي كۆپىيىش نىسبىتىنىڭ ئىنتايىن تۆۋەنلىكى، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىش نىسبىتىنىڭمۇ ئالدىنقى قاتاردا ئىكەنلىكىنى بايان قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەتنى چاۋشيەن ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يۇقىرىقى سىياسىتى ئۈستىدە ئويلىنىشقا چاقىرغان.