قىرغىزىستان ئۆز پايتەختىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشى مۇمكىن

قىرغىزىستاننىڭ 24.كگ ئاگېنتلىقىنىڭ يېزىشىچە، يېقىندا قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنىڭ سىياسى ئىشلار مەسلىھەتچىسى توپچىبەك تۇرغانالىيېۋ قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكنى ماناسقا ئۆزگەرتىش ئىدىيىسىنى ئوتتۇرىغا چىقارغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە بويىچە قىرغىزىستاندا بەس-مۇنازىرە قوزغالغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯘﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2010.11.28

24-كگ ئاگېنتلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان " قىرغىزىستان پايتەختى بىشكەكنى ماناسقا ئۆزگەرتىشكە قانداق قارايسىز؟ " ماۋزۇلۇق ماقالىدە بىر قىسىم سىياسىيون ۋە ئالىملار ئۆزلىرىنىڭ قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، ماقالىدە ئېيتىلىشىچە، 1991-يىلى قىرغىزىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئەسلىدە فرۇنزﯤ دەپ ئاتىلىپ كەلگەن بۇ شەھەر نامىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بەس-مۇنازىرە بولغاندا، بەزىلەر ئۇنى "ماناس"قا ئۆزگەرتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن، ئاخىرى بىشكەك ئاتالغۇسى قوللىنىلغان.

بىشكەك ئەسلىدە تاكى 30-يىللارغىچە پىشپېك دەپ ئاتالغان بولۇپ، كېيىن 1920-يىللىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنى باستۇرغان سوۋېت قىزىل ئارمىيە گېنېرالى فرۇنزىنىڭ نامى بۇ شەھەرگە بېرىلگەن.

توپچىبەك تۇرغۇنالىيېۋنىڭ قارىشىچە، ماناس داستانى قىرغىز خەلقى ئۈچۈن بۈيۈك ئەھمىيەتلىك. دۇنيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتلەردە مەشھۇر قەھرىمانلارنىڭ ئىسمى شەھەرلەرگە قويۇلىدۇ، بۇ سىمۋوللۇق خاراكتېرىغا ئىگە.

 مەزكۇر ماقالىدە پىكىر بايان قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى بىشكەكنىڭ نامىنى ئۆزگەرتىشكە قارشى چىققان. قارشى چىققۇچىلار ئىچىدە قىرغىزلار ۋە رۇسلارمۇ بار، ئۇلارنىڭ سۆز ئورامىغا قارىغاندا، ھازىر قىرغىزىستاننىڭ قىلىدىغان ئىشى شەھەر نامىنى ئۆزگەرتىش ئەمەس، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، ئىقتىسادنى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت. بىشكەكتە ياشايدىغان ئاتاقلىق رۇس سىياسەتشۇناس ئاندرېي كىنىيازېۋ مۇنداق دېگەن: "مەن شەھەر نامىنى ئۆزگەرتىشكە قەتئىي قارشى، مەن فرۇنزىدا تۇغۇلدۇم، بىشكەكتە چوڭ بولدۇم، مانا ئەمدى ماناستا ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى خالىمايمەن. بۇ شەھەر ئەسلى ئۆزىنىڭ تارىخى ئىسمى بولغان پىشپېك دەپ ئاتىلىشى كېرەك."

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.