قىرغىزىستاننىڭ سابىق پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېفنىڭ ئوغلى ماكسىم باقىيف ئەنگلىيىدە قولغا ئېلىندى
2012.10.15
ماكسىم باقىيېف دادىسى تەختتىن چۈشكەندىن كېيىن ئەنگلىيىگە قېچىپ ئۇ يەردىن سىياسىي پاناھلىق تىلىگەن؛ قىرغىزىستان يېڭى ھۆكۈمىتى ماكسىم باقىيېفنى خىيانەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ، ئەنگلىيە تەرەپتىن ماكسىم باقىيېفنىڭ قىرغىزىستانغا قايتۇرۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئەنگلىيە ماكسىم باقىيېفنىڭ سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىنى ۋاقىتلىق قوبۇل قىلغان.
قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى ئەنگلىيىگە، ئەگەر ماكسىم باقىيېف قايتۇرۇلمىسا، قىرغىزىستاندىكى ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيە بازىسىنىڭ تاقىلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان. ئامېرىكا ماكسىم باقىيىفنى ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ، تۇتۇپ بېرىلىدىغانلار قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزگەن.
ئەنگلىيە مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماكسىم باقىيېف ئالدىنقى كۈنى ئەنگلىيىنىڭ ئالاقىدار قانۇن ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلغان، نەتىجىدە ئەنگلىيە ساقچىلىرى ماكسىم باقىيېفنى قولغا ئالغان.
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، قىرغىزىستان بىلەن ئەنگلىيە ئارىسىدا ئۆز-ئارا جىنايەتچىلەرنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش ئەھدىنامىسى مەۋجۇت ئەمەس؛ شۇڭا ئەنگلىيە نۆۋەتتە ماكسىم باقىيېفنى قىرغىزىستانغا ئەمەس، بەلكى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاشماقتا.