خىتاي ئېلان قىلغان قول تېلېفون ئۇچۇرىدا چەكلىنىدىغان سەزگۈر سۆزلەر تىزىملىكى نارازىلىق قوزغىدى
2011.01.05
بەزى تور ئابونتلىرى بۇنىڭ خىتايدا پۇقرالارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم قاتتىق چەكلىمىگە ئۇچرىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدىكى ئۇچۇر-ئالاقە شىركەتلىرىدىن خىتاي كۆچمە خەۋەر تېلېفون شىركىتى ھەم بىرلەشمە خەۋەر تېلېفون شىركىتى تارقاتقان بۇ تىزىملىككە، دۆلەتنىڭ سىياسىتى ھەم خىتاي دۆلەت رەھبەرلىرى نامى، مىللەتلەر مەسىلىسى، فالۇن ئەقىدىلىرى ھەم دىنىي ئاتالغۇلار، چەتئەل خەۋەر ئاگېنتلىقلىرى ناملىرى، خىتايدا قارشى ئېلىنمايدىغان تەشكىلات ھەم كىشىلەر نامى، شەھۋانىي ئاتالغۇلار، قورال-ياراغ ناملىرى، شەرتلىك بەلگىلەر قاتارلىق 9 خىل مەزمۇندىكى سەزگۈر سۆزلەر كىرگۈزۈلگەن.
رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ستاتىستىكا قىلىشىچە، بۇ خىل سەزگۈر سۆزلەر تەخمىنەن 3000 غا يېتىدىغان بولۇپ، مۇخبىر خىتايچە تيەنئەنمىن ۋەقەسى، ۋاڭ دەن، ۋېن جياباۋ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى دېگەن خەتلەرنى ھەم ئىنگلىزچە فرېئېدوم، ر ف ئا قاتارلىق سۆزلەرنى كىرگۈزگىنىدە ئۇچۇر يوللانمىغان.
رادىئومىز خىتاي بۆلۈمى مۇخبىرى چارشەنبە كۈنى گۇاڭدۇڭدىكى مەلۇم تېلېفون ئۇچۇر شىركىتىگە تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىگىنىدە، خىزمەتچى خادىم مۇخبىرغا بۇندىن كېيىن تىزىملىكتە ئېلان قىلىنغان سەزگۈر سۆزلەرنى ئىشلىتىپ تېلېفون تېكىست ئۇچۇرى يوللىغۇچىلارنىڭ تېلېفون ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا ئۆچۈرۈلىدىغانلىقىنى، ئەگەر داۋاملىق شۇنداق ئۇچۇرلارنى يوللىسا تېلېفون مۇلازىمىتى توختىتىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بىلدۈرگەن.