قوش تىل مائارىپى ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان ناھىيە-بازارلاردا جىددىي قارالماقتا
2012.10.25
جۇڭگو مائارىپ تور بېتىدە ئېلان قىلىنغان خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر نوپۇسى ئەڭ زىچ بولغان ناھىيىلەردىن يەكەن ناھىيىسىدە قوش تىل يەسلىلىرىدە ئوقۇيدىغان بالىلارنىڭ سانى 21 مىڭ 447 نەپەرگە يېتىپ، ئومۇملىشىش نىسبىتىنى 83 پىرسەنتتىن ئاشقان. ناھىيىدىكى 128 ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە 663 قوش تىل سىنىپى ئېچىلىپ، تەربىيىلىنىۋاتقان ئوقۇغۇچى سانى 25076 نەپەرگە يەتكەن.
خەۋەرلەردىن، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر بالىلىرىغا قوش تىل مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇتۇش سەۋىيىسى يۇقىرى، ئوقۇتقۇچىلىرى خىل، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپكە ئۆتۈش نىسبىتى يۇقىرى دەپ تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنى خىتاي تىلىدا ئوقۇشقا قىزىقتۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ تاكتىكىسىدىن نارازى. ئۇلار، ئۇيغۇر تىلى بىلەنمۇ ئىلغار پەن-تېخنىكىلارنى ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى سەمىمىي بولۇشقا ۋە ئۇيغۇر مائارىپىنى يوقىتىشقا ئۇرۇنماسلىققا چاقىرماقتا.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىغا قارىماي 2012-يىللىق مائارىپ خىزمەتلىرى يىغىنىدا 2015-يىلىغىچە قوش تىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ نىسبىتىنى 75 پىرسەنتكە يەتكۈزۈش پىلانىنى ئورۇنداش ئۈچۈن قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپىلەر قاتارىغا كىرگۈزدى.