خىتاي ئۇيغۇر ئېلىدىكى ' قوش تىل' يەسلىلىرىنى يەنە كۆپەيتمەكچى

خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشىدىن كېيىن، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ۋىلايەت ۋە رايونلاردا "قوش تىل" يەسلىلىرى قۇرۇش مەبلىغىنى يەنە كۆپەيتكەن بولۇپ، بۇ رايونلاردا يەنە يېڭىدىن 465 "قوش تىل" يەسلىسى قۇرۇلىدىكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.08.03

شىنخۇا ئاخباراتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى ئەركىنجان تۇراخۇن ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان 2009 - يىللىق قوش تىل مائارىپ يىغىنىدا " قوش تىل " يەسلىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى ۋە مائارىپ سىستېمىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ماس كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، ئۇيغۇرلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايونلارغا 2009 - يىلى يېڭىدىن قۇرۇلىدىغان "قوش تىل" يەسلىلىرىگە 830 مىليون خىتاي پۇلى ئاجرىتىلغان بولۇپ، مەبلەغ بۇلتۇرقى 200 مىليون يۈەندىن بىر نەچچە ھەسسە ئاشۇرۇلغان.
 
مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن يىلى ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن قاتارلىق رايونلاردا 214 "قوش تىل" يەسلىسى قۇرۇلغان بولۇپ، بۇلار بۇ يىل 8 - ئايدىن باشلاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدىكەن.
 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.