ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى «قوش تىل ئوقۇتۇشى ئاجىز» دەپ قارالغان بەزى جايلاردا ياتاقلىق مەكتەپلەرنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 2004 - يىلدىن بۇيان «ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئاز» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن تاقىلىپ كەتكەن بىر قىسىم يېزا مەكتەپلىرىنى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، «قوش تىل ئوقۇتۇشى ئاجىز» دەپ قارالغان بەزى جايلاردا ياتاقلىق مەكتەپلەرنى يەنە كۆپەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012.03.31

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە ئاتالمىش «قوش تىل» مائارىپىنى كۈچەيتىپ ئېلىپ بېرىشىنى تەشەببۇس قىلغاندىن كېيىن، يەرلىك دائىرىلەر ئۇيغۇر يېزىلىرىدىكى كۆپلىگەن مەكتەپلەرنى تاقىغان ۋە شەھەرلەردە ئۇيغۇر مەكتەپلەرنى خىتاي مەكتەپلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈۋەتكەن ئىدى.

بۈگۈنكى خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى يېزىلاردا مەكتەپلەرنى تاقاش سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە «مەسىلە پەيدا قىلغان» لىقىنى كۆرسەتكەن. ئۇلارىڭ كۆرسىتىشىچە، يېزا - قىشلاقلاردىكى مەكتەپلەر تاقالغاندىن كېيىن، نۇرغۇن بالا مەكتەپكە كەلمەيدىغان ئەھۋال كەپ چىققان.

بىز ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى يېقنى يىللاردىن بۇيان جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلنى ئاساس قىلغان ھالدا يېزىلاردىكى ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى تاقاشقا باشلىغان ئىدى.

بۇ سىياسەتنىڭ تاقالغان ئوتتۇرا مەكتەپلەرنى ئەسلىگە كەلتۇۇشكە قارىتىلغان ياكى قارىتىلمىغانلىقى مەلۇم ئەمەس.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.