رابىيە قادىر: خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ

شىنجاڭ تىنچلىق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ج خ نازارىتى يەنە تېررورچىلارغا قارشى زەربە بېرىش دولقۇنى قوزغىغان.

ھەرىكەت مۇشۇ ئاينىڭ ‏‏11-كۈنى باشلانغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 15-كۈنىگە قەدەر داۋاملاشماقچى. خەۋەردە بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى دولقۇن، خىتاينىڭ مەملىكەتلىك ۋە ئۇيغۇر رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى خىزمەت يىغىنىنىڭ روھىغا ئاساسەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خەۋەردە يەنە ھەرىكەتنىڭ مەقسىتى بىر تۈركۈم تېررور گۇرۇھلىرىنى ئۇجۇقتۇرۇش ۋە ئۇلارنىڭ پەردە ئارقىسىدىكى پىلانلىغۇچى ۋە تەشكىللىگۈچىلىرىنى تېپىپ چىقىپ، تېررورلۇق ۋەقەلىرىنىڭ تەكرار يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش دەپ كۆرسىتىلگەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، بۈگۈن بۇ ھەقتە پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ زەربە بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ مۇقىملىق مەسىلىسىدە كارغا كەلمەسلىكىنىڭ ئاللىقاچان ئىسپاتلىنىپ بولغانلىقىنى، شۇڭا بۇ تۈر ھەرىكەتلەرنىڭ رايوندىكى مىللەتلەر مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈشتىن باشقا ئىشقا يارىمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

رابىيە خانىم مەزكۇر ھەرىكەتنى خىتاينىڭ قەشقەر ۋە خوتەندىكى ۋەقەدىن توغرا دەرس ئالالمىغانلىقىنىڭ ئىپادىسى دەپ كۆرسەتتى. خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنى بۇ تۈر ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، ئۇيغۇرلار بىلەن بىرلىكتە خىتاي پۇقرالىرىنىڭمۇ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى خەتەر ئاستىغا ئىتتىرىۋاتىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇردى.