رابىيە قادىر خانىم ھەققىدىكى فىلىم تەيبېيدىمۇ قويۇلىدۇ

تەيۋەن تەيبېي مەدەنىيەت دائىرىلىرى 21 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" نىڭ تەيبېيدىمۇ قويۇلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. شۇنىڭ بىلەن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا قارىماي ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى يېتەكچىسى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن مەزكۇر فىلىمنى تەيۋەندە كۆرسىتىدىغان شەھەرلەر ئىككىگە يەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2009.09.21

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم ھەققىدە ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم "مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى" تەيۋەننىڭ گاۋشيوڭ كىنو فېستىۋالىدا قويۇلىدىغانلىقى قارار قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىقنى قوزغىغان ئىدى. خىتاي تەرەپ گاۋشيوڭ شەھىرىدە مەزكۇر فىلىمنى قويماسلىق ھەققىدە مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرگە تەھدىت ئىشلەتكەن ئىدى.

ھالبۇكى، گاۋشيوڭ شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى، ئۆز شەھىرىنىڭ تەرەققىيپەرۋەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق شەھىرى ئىكەنلىكى، پەقەت بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ قارشىلىقى تۈپەيلىدىنلا مەزكۇر فىلىمنى قويۇشنى چەكلىسە شەھەرنىڭ ئوبرازى ۋە ئورنىغا نۇقسان يېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

21 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى، تەيبېي شەھەرلىك مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ دىرېكتورى ۋۇ تەيپىڭ " مۇھەببەتنىڭ ئون شەرتى"نى نۇرغۇن ئادەمنىڭ سۈرۈشتە قىلغانلىقى، شۇڭا مەزكۇر فىلىمنى تەيبېيدىمۇ كۆرسىتىشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ: "بىز بۇ فىلىمنى مۇمكىن قەدەر جىق كۆرسىتىمىز" دېگەن.

"مۇھەببىتىڭ ئون شەرىتى" ئاۋسترالىيە مېلبۇرن فىلىم فېستىۋالىدا قويۇلغاندىن كېيىن، تەيۋەن گاۋشيوڭ كىنو فېستىۋالىدىمۇ قويۇلۇش قارار قىلىنغان ھەمدە خىتاي خاككېرلىرى گاۋشيوڭ كىنو فېستىۋالىنىڭ تور بېتىگە ئىنتېرنېت ھۇجۇمى قوزغىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.