خىتاي دائىرىلىرى ئاشپۇزۇلنى بىر كۈن تاقىغانلارنىڭ بىر يىللىق تىجارىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

خوتەندىن رادىئومىزغا ئىنكاس قىلغان بىر ئۇيغۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئۇلارغا رامزان مەزگىلىدە ئاشپۇزۇل-رېستورانلارنى تاقاشقا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، رامزان مەزگىلىدە ئاشپۇزۇلنى بىر كۈن تاقىسا، شۇ كىشىنىڭ بىر يىللىق تىجارىتىنى توختىتىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان.

دائىرىلەر بۇ يىل روزا تۇتماسلىق ھەققىدىكى تەشۋىقات ھەم چەكلىمىلىرىنى يىللاردىكىدىن كۈچەيتكەن بولۇپ، يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى بىر قىسىم ناھىيىلەردە پارتىيە ئەزاسى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى ھەم ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ روزا تۇتماسلىق ھەققىدىكى كېلىشىمگە ئىمزا قويغانلىقى ھەمدە خوتەن قاتارلىق جايلاردا كىشىلەرنى روزا تۇتۇشقا دەۋەت قىلماسلىق، بالىلارنىڭ رامزان قوشىقى ئېيتماسلىقى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بەرگەن باياناتىدا، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشىدا دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنى بارغانچە كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ، بۇ ئەھۋالغا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.