رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى ۋە بۇددىستلار دالاي لامانى رۇسىيىگە تەكلىپ قىلماقچى

رۇسىيە پارلامېنتىنىڭ تىبەتلەرنى قوللايدىغان پارلامېنت ئەزالىرى ھەمدە رۇسىيىدىكى بۇددا دىنى تەشكىلاتلىرى تىبەتلەرنىڭ روھانىي داھىيسى دالاي لامانى رۇسىيىگە تەكلىپ قىلىش قارارىغا كەلگەن بولۇپ، مەزكۇر جەمئىيەتلەر رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ دالاي لامانىڭ رۇسىيىدىكى بۇددىزم رايونلىرىنى زىيارەت قىلىشىغا رۇخسەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا پۇتىن پرېزىدېنت سايلىمىدا غەلىبە قىلغاندىن كېيىن، دالاي لاما ئۇنى تەبرىكلىگەن ئىدى. رۇسىيىدىكى تىبەتنى ھىمايە قىلىدىغان تەشكىلاتلار ۋە جامائەت 4 - ئاي ئىچىدە موسكۋادىكى پۇشكىن مەيدانىدا يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرىۋېلىش ۋەقەلىرى ۋە دالاي لامانىڭ رۇسىيە زىيارىتى ھەققىدە جامائەت پىكرى ھاسىل قىلىشنى پىلانلىغان.

ئىلگىرى رۇسىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتنى دەپ دالاي لامانىڭ رۇسىيىگە كېلىشىنى توسۇپ ۋىزا بەرمىگەن ئىدى. رۇسىيىدىئىكى قالماقىيە، بۇرىياتىيە ۋە تۇۋا جۇمھۇرىيەتلىرى لاما دىنىغا ئىشىنىدىغان جۇمھۇرىيەتلەردۇر. بۇلارنىڭ ئاھالىلىرى دالاي لامانىڭ ئۆز جۇمھۇرىيەتلىرىگە كېلىشىنى كۈتمەكتە ئىكەن.