رۇسىيىنىڭ خاكاسىيە جۇمھۇرىيىتىدىكى ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پارتىلىشىدا 69 ئادەم ئۆلگەن

17 - ئاۋغۇست كۈنى يۈز بەرگەن رۇسىيىنىڭ جەنۇبىي سىبىرىيە رايونىدىكى تۈركىي تىللىق جۇمھۇرىيەت خاكاسىيىدىكى سايان - شۇشېن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 69 غا يەتكەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-08-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىدا ئېيتىلىشىچە، بۇ سانلىق مەلۇماتنى رۇسىيە جىددى ئىشلار مىنىستىرلىكى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئالتە ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەن. قۇتقۇزۇش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرى يەنىلا داۋاملاشماقتا.

رۇسىيە باش مىنىستىرى ۋلادىمىر پۇتىن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىغا جىددىي كىرىشىدىغانلىقىنى شۇنىڭدەك ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ ھەم ئىز - دېرەكسىز يوقىلىپ كەتكەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرىغا بىر مىليون رۇبلى تۆلەم پۇلى ۋە يارىدار بولغانلارغا 100 مىڭ رۇبلى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

رۇسىيىنىڭ " نەۋس.رۇ" تورىنىڭ يېزىشىچە، ۋەقەدە قازاغا ئۇچرىغانلارنىڭ ئائىلە - تاۋابىئاتلىرى بۇ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەۋە بولغان " رۇس - گىدرو" كومپانىيىسىدىن قازاغا ئۇچرىغانلار ئۈچۈن 5 مىليون رۇبلى تۆلەش، قازا قىلغانلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئالىي مەكتەپلەردە بىكارلىق ئوقۇش پۇرسىتى بېرىش قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن سىرت يەنە "رۇس - گىدرو" شىركىتى ئۈستىدىن ئەرزى قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

خاكاسىيىدىكى مەزكۇر سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ پارتلاپ كېتىش ۋەقەسى ئەڭ ئېغىر بىر ۋەقە بولۇپ، رۇسىيە ئاگېنتلىقلىرىنىڭ يېزىشىچە، ھۆكۈمەتكە قارشى ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان چېچەنلەرنىڭ بىر گۇرۇپپىسى بۇ ۋەقەنى ئۆزلىرىنىڭ سادىر قىلغانلىقلىرىنى زىممىسىگە ئالغان بولسىمۇ، لېكىن ئېتىراپ قىلىنمىغان.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت