سانجىدىكى بىر كۆمۈر كېنىدا ھادىسە يۈز بېرىپ، 6 ئادەم ئۆلدى
2012.08.29
خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى مەزكۇر خۇسۇسى كۆمۈر كېنى يىلىغا 90 مىڭ توننا كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ كۆمۈر كان دائىرىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھادىسە ئىشچىلار قۇدۇق ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقاندا يۈز بەرگەن بولۇپ، قۇتقۇزۇش خادىملىرى قۇدۇق ئاستىدىن 6 جەسەتنى قېزىپ چىقارغان. يارىلانغان 6 كىشى بولسا، ئەتراپتىكى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغان. لېكىن خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبى تىلغا ئېلىنمىغان.
خىتاي دۇنيادىكى كۆمۈر كانلىرىدا ۋەقە يۈز بېرىپ، ئادەم ئۆلۈش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر دۆلەت. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا يىللىق قېزىۋېلىنغان كۆمۈر دۇنيادىكى يىللىق قېزىۋېلىنغان ئومۇمى كۆمۈر مىقدارىنىڭ تەخمىنەن 30% ئىنى ئىگىلىسىمۇ، بىراق ھەر يىلى كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەن ئادەم سانىنىڭ 70% نى ئىگىلەيدۇ.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، 2011-يىلى خىتاي بويىچە 1973 كىشى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەن. بىراق، دائىرىلەر بۇ يىل ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىشنى كۈچەيتكەنلىكتىن، 2011-يىلى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئالدىنقى يىلقىدىن 19% ئازايغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. خىتاي ھۆكۈمىتى 5-ئىيۇل ۋەقەسىدىن كېيىن، غەربنىڭ توكىنى شەرققە يۆتكەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدە كۆمۈر ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى كېڭەيتىپ قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى.
كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، بۇ قۇرۇلۇش كۆمۈرگە بولغان ئېھتىياجنى ئاشۇرغان. مۇھىت ۋەيرانچىلىقىنى تېزلىتىپ، رايوندىكى ئەزەلدىنلا بىخەتەرلىك ئىشلەپچىقىرىش ئاساسى ئەسلىھەسى ناچار كۆمۈر كانلىرىدا ۋەقە يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىۋەتكەن.