خىتايدا ساختا ئۈزۈم ھارىقى ياساش ۋەقەسى يۈز بەردى
2010.12.27
خىتايدىن چىقىدىغان "يەرشارى ۋاقىت گېزىتى" نىڭ دۈشەنبە كۈندىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە خىتايدىكى ئۈزۈم ھارىقى ياساش بازىلىرىنىڭ بىرى بولغان خېبېي ئۆلكىسى چاڭلى شەھىرىدە يۈز بەرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر گۇماندارلار ئۆزى ياسىغان ئىچىملىكلەرگە شېكەر، سۇ ۋە خىمىيىلىك قوشۇلمىلارنى ئارىلاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركىلارنى چاپلاپ بازارغا سالغان.
خەۋەردە نەقىل قىلىشىچە، مەزكۇر ئىچىملىكلەر ئادەمدە باش ئاغرىقى، يۈرەك قالايمىقان سوقۇش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
نۆۋەتتە مەزكۇر زاۋۇتلاردىن 5 مىڭ شېشە ئۈزۈم ھارىقى مۇسادىرە قىلىنغان.
خىتايدا ھەر يىلى چاغان مەزگىلىدە ساختا ھاراقتا زەھەرلىنىپ ئۆلۈش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى 2008- يىلىدىكى زەھەرلىك سۈت پاراشوكى ۋەقەسىدىن كېيىن، خىتايدا يېمەكلىك سۈپىتىنى قاتتىق كونترول قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.