شەندۇڭلۇق ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى «ياردەم بېرىش» ئۈچۈن قەشقەرگە كەلدى

خىتاينىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن 100 نەپەر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى 21-مارت قەشقەرگە كەلگەن بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەت ئۇلارنى ئايرودرومدا ئالاھىدە كۈتۈۋالغان.

«قەشقەر ھۆكۈمەت خەۋەرلەر تورى» دا كۆرسىتىشىچە، بۇ ئوقۇغۇچىلار قەشقەرگە ياردەم بېرىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان ياللاپ يېتىپ كەلگەن. بۇ، شەندۇڭدىن قەشقەرگە كەلگەن تۇنجى تۈركۈم «ياردەم بەرگۈچى» ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، بۇلار قەشقەردە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىكەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، قەشقەر ۋىلايەتلىك پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ خۇا شەندۇڭنىڭ قەشقەرگە ياردەم بېرىش تۈرلىرى ئىچىدە «قوش تىل ئوقۇتۇشى» نى تەرەققىي قىلدۇرۇش تۇرىنىڭ ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەزكۇر ئوقۇتقۇچىلارنى كۈتۈۋېلىشقا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ ۋالىيسى مۇتەللىپ توختى ۋە پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ خۇا قاتارلىقلار چىققان.

«ئۇيغۇربىز» تورى ئالدىنقى كۈنى، نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئېلىدە 60 مىڭ ئىشسىز ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەت پەرزەنتلىرى ئىگىلەيدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلا خىزمەت تاپالماي يۈرگەن پەيتلەردە، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ شۇنچە ئېھتىرام بىلەن كۈتۈۋېلىنىشى دىققەتنى تارتماقتا.