بىرلەشمە ئاگېنتلىقىدا كۆرسىتىشىچە، نامايىش 17 - ئاۋغۇست دۈشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن. بىر نەچچە يۈز نامايىشچى، يوللارنى توسۇپ، سىم توسۇقلارنى چۇۋۇپ دۇڭلىڭ قوغۇشۇن ۋە سىنك ئېرىتىش زاۋۇتىغا باستۇرۇپ كىرگەن.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، نامايىش، ئۆتكەن ھەپتە شەنشى ئۆلكىسى فېڭشىياڭ ناھىيىسىدە 615 ئۆسمۈرنىڭ قوغۇشۇندىن زەھەرلەنگەنلىكى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا 154 نەپىرىنىڭ ياتاققا ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەر ئاشكارىلانغاندىن كېيىن مەيدانغا كەلگەن.
100 دىن ئارتۇق ساقچى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈلگەن ۋە باۋجى شەھىرىنىڭ باشلىقى نامايىشنى بېسىقتۇرۇشقا كەلگەن. ھازىرچە نامايىشتا يارىلانغان ياكى قولغا ئېلىنغانلار ھەققىدە تەپسىلىي مەلۇمات يوق.
خىتاي مەركىزىي تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، زەھەرلىنىشنى مەزكۇر ناھىيىگە جايلاشقان 100 مىڭ توننىلىق "دۇڭلىڭ قوغۇشۇن ۋە سىنك زاۋۇتى" كەلتۈرۈپ چىقارغان.