خىتايدا ئېلان قىلىنغان «مۇخبىرلارنىڭ شەخسىي بلوگىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى» نارازىلىق قوزغىدى

ئۆتكەن ھەپتە خىتاي خەۋەر ۋە نەشرىيات ئورگانلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، «مۇخبىرلارنىڭ شەخسىي بلوگىنى باشقۇرۇش تۈزۈمى» يولغا قويۇلىدىغانلىقى ھەمدە جايلارنىڭ مەخسۇس گۇرۇپپا تەشكىللەپ، ئۇقتۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەلەپ قىلىشى خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى كۆپەيتتى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2012.12.12

ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى بىر نارازىلىق ئىنكاسىدا «ھۆكۈمەت ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە ھەر خىل چەكلىمىلەر سەۋەبىدىن راست گەپ قىلالمىغان مۇخبىرلارنىڭ، 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن ئۆزىنىڭ شەخسىي بلوگىدىمۇ سۆزلەش ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى ئەجەبا خىتايدىكى ئىنتېرنېت تورىنى پاك-پاكىزە قىلىۋېتەرمۇ؟» دېگەن بايانلار بېرىلگەن. خىتايدىكى «ياڭچېڭ كېچىلىك گېزىتى» خەۋەر بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ گەنلىن رادىئومىز خىتاي بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «بىز 18-قۇرۇلتايدىن كېيىن خەۋەرلەرگە قارىتىلغان باشقۇرۇشتا يۇمشاش بولۇشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدۇق، ئەمما بۇ ئۇقتۇرۇش، مۇخبىرلارنىڭ ئەركىنلىكىنىڭ تېخىمۇ چەكلىنىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە» دېدى.

خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىكى ئىنكاسلاردا يەنە خىتاي ئەمەلدارلىرىدىكى پارىخورلۇق، چىرىكلىك قىلمىشلىرىنىڭ مۇخبىرلارنىڭ شەخسىي بلوگلىرىدا ئاشكارىلىۋېتىلىشى خىتاي ھۆكۈمىتىنى بىئارام قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى بىر ئەۋلاد خىتاي رەھبەرلىك گۇرۇھىنىڭ ئۆز ئوبرازىنى قوغداش ئۈچۈن بارلىق تەدبىرلەرنى ئىشقا سېلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.