خىتايدا شى جىنپىڭ دەۋرى باشلاندى

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە، خىتاي كومپارتىيىسى 18- قۇرۇلتايدا بېكىتىپ چىققان يېڭى دەۋر خىتاي رەھبەرلىرىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012.11.15

شى جىنپىڭ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارلىقىنى رەسمىي تاپشۇرۇپ ئالدى. كىشىنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان يېرى، شى جىنپىڭ ئوخشاش ۋاقىتتا يەنە ھەربىي ھوقۇقنىمۇ قولىغا ئالغانلىقى. بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، سابىق خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، دىڭ شاۋپىڭ ۋە جياڭ زېمىندىن پەرقلىق ھالدا ھەربىي ھوقۇقنى دەرھال ئۆتكۈزۈپ بەرگەن رەھبىرى بولۇپ قالدى.

پەيشەنبە كۈنى ئەتىگەندە تىزىملىك رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ ۋە لې كېچياڭ قاتارلىق يېڭى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۆتكۈزگەن. شى جىنپىڭ پەيشەنبە كۈندىكى سۆزىدە: پارتىيە ئىچىدە تۈزىتىلىشى كېرەك بولغان نۇرغۇن مەسىلىلەر بار، بولۇپمۇ چىرىكلىك، خەلقتىن ئايرىلىپ قېلىش، بيۇكراتلىق تۈزىتىلىشى كېرەك، دېگەن.

ئىچكى قىسىمدىكى نۇرغۇن سىياسىي كۈرەشلەردىن كېيىن بېكىتىلگەنلىكى تەخمىن قىلىنىۋاتقان شى جىنپىڭنىڭ قانداق سىياسەت يۈرگۈزىدىغانلىقى كۆزەتكۈچىلەر ئەڭ قىزىقىۋاتقان بىر نۇقتا. ئۇنىڭ ياش بولۇشى، چەتئەللەردە تۇرغانلىقى ۋە كىشىلەر ئارىسىدا «سەمىمىي» دەپ تونۇلۇشىدەك ئامىللار ئۇنىڭ پەرقلىق بىر لىدېر بولۇشىنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلارنى ئۈمىدلەندۈرسىمۇ، ئەمما يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەر، شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى يالغۇز تۈپتىن ئۆزگىرىش قىلالمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن پۈتۈن سىستېمىنىڭ ئۆزگىرىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.