شىمالى كورىيە ھازىر چەتئەللىكلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلىدى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، شىمالى كورىيە ھازىر چەتئەللىكلەرگە ۋىزا بېرىشنى توختاتقان. جەنۇبىي كورىيىدە چىقىدىغان 'چاۋسېن ئېلبو گېزىتى' ۋە خىتاينىڭ شىمالى كورىيە ھەققىدىكى ئۇچۇرلىرى ئاشكارىلىغان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، شىمالى كورىيە چېگرىنى تاقىغان. بۇنىڭ تەپسىلاتى تېخى مەلۇم ئەمەس.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-12-16
Share

شىمالى كورىيىلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەممە ئادەم 10 مىڭ رەقەملىك كونا پۇلنى بىر مىڭ رەقەملىك يېڭى پۇلغا تېگىشىپ خەجلەش كېرەكلىكىنى ، ھەر بىر ئادەم ئالماشتۇرىدىغان كونا پۇلنىڭ سانى 50 مىڭ رەقەمدىن ئاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

بۇنداقتا، ھەر قانداق ئادەم 50 مىڭ رەقەملىكتىن ئارتۇق پۇلىنى يېڭى پۇلغا ئالماشتۇرالمايدىكەن، ئەگەر بەش كۈن ئىچىدە مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە پۇل ئالماشتۇرمىسا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بانكىدىكى كونا پۇللىرى ئۆلىدىكەن. شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىسلاھاتىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىپ قالغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت