شىمالى كورىيىلىكلەرنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى يېقىندا پۇل ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغانلىقىنى، ھەممە ئادەم 10 مىڭ رەقەملىك كونا پۇلنى بىر مىڭ رەقەملىك يېڭى پۇلغا تېگىشىپ خەجلەش كېرەكلىكىنى ، ھەر بىر ئادەم ئالماشتۇرىدىغان كونا پۇلنىڭ سانى 50 مىڭ رەقەمدىن ئاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان.
بۇنداقتا، ھەر قانداق ئادەم 50 مىڭ رەقەملىكتىن ئارتۇق پۇلىنى يېڭى پۇلغا ئالماشتۇرالمايدىكەن، ئەگەر بەش كۈن ئىچىدە مۇشۇ بەلگىلىمە بويىچە پۇل ئالماشتۇرمىسا، ھەر قانداق ئادەمنىڭ بانكىدىكى كونا پۇللىرى ئۆلىدىكەن. شىمالى كورىيە ھۆكۈمىتى بۇ ئىسلاھاتىنى جاكارلىغاندىن كېيىن، خەلقنىڭ غەزىپى ئۆرلەپ، قوزغىلاڭ كۆتۈرۈش دەرىجىسىگە يېتىپ قالغانلىقى تەھلىل قىلىنماقتا.