دۇنيادىكى 100 چوڭ شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقارغۇچى ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىغىن چاقىردى
2012.06.16
خىتاي «كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتى» دە كۆرسىتىشىچە، خىتاي دۇنيادىكى 3 - چوڭ شوخلا ئىشلەپ چىقىرىدىغان دۆلەت بولۇپ، ئۇيغۇر رايونى خىتايدىكى ئەڭ چوڭ شوخلا بازىسى ئىكەن.
بۇ نۆۋەت ئۈرۈمچىدە چاقىرىلغان يىغىنغا دۇنيا شوخلا پىششىقلاپ ئىشلەپچىقارغۇچىلار كېڭىشىنىڭ پرېزىدېنتى جىم بىچېرمۇ قاتناشقان.
خەۋەرگە قارىغاندا ئۇيغۇر رايوندىكى شوخلاش پىششىقلاپ ئىشلەش سودىسىنىڭ كۆپ قىسمىنى خىتاينىڭ «تۇنخې» شىركىتى كونترول قىلىدىغان بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن شوخلا كونسېرۋاسى ۋە شوخلا قىيامى ئىشلەپ چىقىرىدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونىدىكى كۆلەملەشكەن شوخلا بازىلىرى يەنىلا بىڭتۇەننىڭ قولىدا بولۇپ، ئۇيغۇر دېھقانلىرى تېرىغان شوخلىلار يەرلىك بازارنىڭ سىرتىغا چىقالمايدىكەن، ياكى بەزى كۆلەملىك شوخلا تېرىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرى شوخلىسىنى ئالىدىغان يەر تاپالماي زىيان تارتىدىغان ئەھۋاللارمۇ بار ئىكەن.